باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئى

ۋاقتى: 13:07 07-01-2012 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin تەھرىر: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك دۆلەت دانىيە ياۋروپا قەرز كىرىزىسكە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

 

\"\"

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك دۆلەت دانىيە ياۋروپا قەرز كىرىزىسكە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

شىنخۇا تورى كوپېنھاگېن 6-يانۋار تېلگراممىسى دانىيە ھۆكۈمىتى 6-يانۋار دانىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى نۆۋەتچى رەئىسلىك دۆلەتلىكىنى ئۈستىگە ئېلش ھەرىكەت پىروگراممىسى رەسمى ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى قەرز كىرىزىسكە بىرلىكتە ئاكتىپ تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ پىروگراممىغا ئاساسەن دانىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك دۆلەتلىكىنى ئۈسىتىگە ئالغان مەزگىلدە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بىر «مەسئۇلىيەتچان ياۋروپا»، «ھاياتىي كۈچكە تولغان ياۋروپا»، «يېشىل ياۋروپا»ۋە «بىخەتەر ياۋروپا» بەرپا قىلىش بولىدۇ.

دانىيە باش ۋەزىرى تورنىڭ سېمىت ( Schmidt Thorning) شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دانىيە ئىنتايىن جاپالىق مەزگىلدە نۆۋەتچى رەئىسلىك دۆلەت ئورنىنى ئۆتكۈزىۋالدى.«بىز تەڭ كۈچ چىقىرىپ ياۋروپا قەرز كىرزىسىدىن قۇتۇلۇشقا موھتاج.» دېگەن. ئۇ (ئايال)، ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرسىدە ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلپ بېرىپ قەرز كىرزىسىدىن قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تورنىڭ سېمىت، دانىيە «ياۋروپا رايونىدىكى دۆلەت ۋە غەيرى ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالاقىلىشىدىغان كۆۋرۈك»بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىشنى خالايدۇ دەپ قارىدى.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:دانىيە داۋاملىق ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بېكىتكەن 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان خامچوت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر پۈتۈن ياۋروپا بازىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باج ئىشلىرى خىزمىتىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مالىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشى ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرسىدە يولغا قويۇلىدىغان پۇل مۇئامىلە سودا بېجى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر