باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > شەخىس >

گورباچىف-مۇۋەپپىقيەت قازانغان ‹م

ۋاقتى: 21:46 07-01-2012 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin تەھرىر: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
1991-يىلى گورباچىف سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك تەختىدىن‹قوغلاپ چۈشۈرۈلدى›.

1991-يىلى گورباچىف سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك تەختىدىن‹قوغلاپ چۈشۈرۈلدى›. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى بۇ رەھبەر، ئۆتكەن 20نەچچە يىل ئىچىدە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى ۋە غەربنىڭ قاتتىق قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .بۇ بۇر جەرياندا گەرچە زور سىياسى مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلمىغان بولسىمۇ،ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇپ، سىياسى مۇنبەر سىرىتىدىكى چولپانغا ئايلاندى .
 

\"\" 

1985-يىلى 54ياشلىق گورباچىف  سىوۋىت كومپارتىيسىنىڭ باش سېكىرتارى بولۇپ سايلاندى ، ئۇ سوۋىت تارىخىدىكى ئەڭ ياش باش سېكىرتار ئىدى .ئو تەخىتكە چىقىپلا دىمكۇراتىيەلىشىشكە، ھەممە نەرسىلەرنى ئاشكارلاشقا قاراپ يول تۇتۇپ ،يېڭى تەپەككۇر ئۇسۇللىرى بويىنچە ئىش تۇتتى .قىسقا مەزگىل ئىچىدە دادىل ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى .1988-يىلى گورباچىف شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىكى ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى .شۇنىڭ بىلەن شەرقى ياۋروپا سىياسى تۈزۈملىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى.
سوۋىت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇريەتلارنىڭ ۋەزىيتىمۇ ناھايىتى كەسكىن بولدى، ھەتتا بەزىلىرى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ قىمىشلارنى سادىر قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇيرىقىنى ئاڭلىمايدىغان بولىۋالدى .1991-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى قاتتىق قوللار گورباجىفنىڭ ئىسلاھاتى سىوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۆلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەرخىل ۋاستىلەردىن پايدىلنىپ ئۇنى رەھبەرلىك ئورنىدىن يىراقلاشتۇردى . ئەمما ئۈچ كۈن ئۆتۈپلا ئۇنى يەنە ئەسلىگە قايتۇردى .ئەمما گورباجىفنى كۈتىۋالغىنى تۈزۈلمە جەھەتتىن قاتتىق ئۆزگىرىش ۋەزىيتى بولدى .8-ئاينىڭ23-كۈنى يېڭى تەيىنلەنگەن روسىيە زۇڭتۇڭى يېلىتسىن روسىيە چىگرىسىدىكى بارلىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مال مۆلىكىنىڭ رۇسىيە تەرەپتىن باشقۇرۇلدىغانلىقىنى جاكارلىدى .گورباچىف پارلامىت يىغىنىدا كۆزىنى ھەيرانلىق بىلەن ئېچىپ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ روسىيە تەۋەسىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەش بۇيرىقىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدى.

\"\"
 

12-ئاينىڭ25-كۈنى گورباچىف تېلىۋىزيە نۇتۇقى سۆزلەپ ئۆزىنىڭ رەسمى تۈردە ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى .ئۇ نۇتۇقىدا :مەن بۈگۈندىن باشلاپ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنجى سېكىرتارى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بارلىق ۋەزىپەردىن ۋاز كەچتىم دىدى ۋە ئورگىنال قەغىزىنى ئاچچىقلىغان ھالدا چۆرىۋەتتى . ئاشۇ چۆرىۋېتىشتىن كىيىن ئۇنىڭ سىياسى ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى .
يېلىتسىن گورباچىفقا ھەر ئايدا 4000رۇبلى پىنسنيە پۇلى ۋە ئالى دەرىجىلىك ماشىنا بېردىغانلىقىغا لەۋز قىلدى .ھەمدە 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈندىن بۇرۇن گورباچىفنىڭ ئىشخانا ۋە ئۆيدىن كۆچۈپ كىتىشى تەلەپ قىلىندى . بۇ مۇددەت توشۇشتىن بىركۈن بۇرۇن گۇرباچىفنىڭ نەرسە كېرەكلىرى مەلۇم كىشىلەر تەرپىدىن مەجبۇرى ھالدا ،قوغدىغۇچىلار قوغداپ تۇردىىغان 80كىۋادىرات مىتىرلىق بىر ئۆيگە يۆتكەلدى . كىيىنچە رۇبلىنىڭ پاخاللىشىشى سەۋەبىدىن گورباچىفنىڭ پىنسىيە مۇئاشى ئاران1.5دوللارغا تەڭ بولۇپ قالدى .1994-يىلىغا كەلگەندە گورباچىفنىڭ پنسىيە مۇئاشى ئەڭ تۆۋەن مۇئاش ئۆلچىمىنىڭ 40ھەسسىسى بولۇپ بىكىتىلدى.ئەمما ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھېچقانداق كۈچۈرۈم قىلىش كاپالىتىگە ئېگە بولالمىدى،گورباچىف يېلىتسىننى تەنقىد قىلىپ 2-كۈنىلا ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئالى ماشىنا مەخسۇس خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى بولمىغان ئادەتتىكى ۋولگا ماركىلىق ماشىنىغا ئالماشتۇرۋېتىلدى .ھەمدە ئۇنىڭغا بېرىلگەن قوغدىغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كەتتى .

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر