باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > مائارىپ >

لاياقەتلىك سىنىپ مۇدىرى بولۇشتا ھ

ۋاقتى: 10:01 11-01-2012 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin تەھرىر: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەخلااق تەربىيەلىنىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېىتىلدۈرۈشگىمۇ مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

 

لاياقەتلىك سىنىپ مۇدىرى بولۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر
 

 

 

\"\"

سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەخلااق تەربىيەلىنىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېىتىلدۈرۈشگىمۇ مەسئۇل بولۇشى كېرەك. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ بۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
 

 

1. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئالاھىدىلىكى، ئەخلاق – پەزىلىتى، قىزىقىشى، ئۆگىنىشى قاتارلىقلارنى كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

 

2. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن سايلاپ چىقىشى، شۇنداقلا ھەر بىر سىنىپ كادىرىنىڭ سىنىپتىكى ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىپ، مەۋسۇم ئاخىرىغىچە ھەر بىر سىنىپ ھەيئىتىگە ئاز دېگەندە بىر نۆۋەت سىنىپ يىغىنى ئېچىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنىپنىڭ بەزى قائىدە – تۈزۈملىرىنى سىنىپ ھەيئەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بېكىتىش، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. بۇنىڭدا تەربىيىلەپ يېتەكلەش ئۇسۇلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
 

 

3. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىالر بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى ئاتا – ئانىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭا سىنىپ مدۇىرى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئوقۇغۇچىلارغا مېھرىبان ئاتا ياكى ئانا بولۇپ، ئۇلارغا ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىشى، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن سىردىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئۇزاق يىل سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ داڭ چىقارغان پىروفېسسور يولداش لى جىنشى ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «بىر ياخشى سىنىپ مۇدىرى بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىنى سۆيىدىغان» ھەقىقىي يۈرەك بولۇشى كېرەك».

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر