باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > تەرمىلەر >

بىر كەلسەڭ

ۋاقتى: 13:54 13-01-2012 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin تەھرىر: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
بىر كەلسەڭ مۇنداق يالغۇزقالارمىدىم ، بىر كەلسەڭ تۈندە تەنھا ماڭارمىدىم ، بىر كەلسەڭ ئۆتكەنلەرگە يىتىملاردەك تەلمۈرۈپ يىغلامسىراپ
         

    بىر كەلسەڭ

مۇنداق يالغۇز  قالارمىدىم ، بىر كەلسەڭ
تۈندە تەنھا ماڭارمىدىم ، بىر كەلسەڭ
ئۆتكەنلەرگە يىتىملاردەك تەلمۈرۈپ
يىغلامسىراپ قارارمىدىم ، بىر كەلسەڭ

ئۆزۈڭ بولدۇڭ ماڭا ئاي ، يىل ساناتقان
خۇدا بىزنى جۈپ بۇلسۇن دەپ ياراتقان
ئۇچۇر بەرمەي يوللۇرۇڭغا قاراتقان
سىنى نامەرد سانارمىدىم ، بىر كەلسەڭ

پۇتلۇرۇمغا تىكەن كىردى ئالمامسەن
ئەڭ بولمىسا بىر پارچە خەت سالمامسەن
بىر كەلمىسەڭ ئۇۋالىمغا قالمامسەن
ساڭا خەتلەر سالارمىدىم ، بىر كەلسەڭ

-----------مۇھەممەتجان راشىدىن

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر