باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > شەخىس >

داڭلىق يازغۇچى، شائىر، ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ۋاقتى: 03:08 15-01-2012 مەنبە: تور دۇنياسى ئاپتورى: قاراخان تەھرىر: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
كۈچلىك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى

 

داڭلىق يازغۇچى، شائىر، ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

\"\"

كۈچلىك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر ”قەشقەر كېچىسى“،“ئىز“،، ئۆمۈرمەنزىللىرى“، ”ئويغانغان زېمىن“ قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە ”شېئىر ۋە شائىر“،“تۇرپان تەسىراتلىرى“،“قەشقەر كېچىسى“ ،“ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك“ قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،“شېرىيەت“،“مىللەتلەر ئەدەبىياتى“،“غەربىي دىيار ئەدەبىياتى“ قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1982-يىلى1-ئايدا خەلق گېزىتىدە ۋە“ مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسى“نىڭ 2- سانىدا ”قەشقەر كېچىسى ”ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل دەپ مەدىھېلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى 1985-يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى نىڭ2- توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى 1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىپ چىقتى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆزى بولسا،1983-يىلى“ جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجېمىھالى“ دېگەن كىتابتا تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى.ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋات چىقارغاندىن كېيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە “ سوپى ئاللا يار“ دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان. 1934-يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ۋە 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يىڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈئەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان..ئۇ بۇ مەزگىلدە گاڭ قانات لاچىن،“دولقۇنلۇق ھايات ، يىڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا ، تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر“،“ چىن مودەن ”(ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر،داستان، ۋە درامىلارنى ”شىنجاڭ گېزىتى“،“يىڭى نۇر“ قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر