باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > تەرمىلەر >

ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ

ۋاقتى: 20:23 26-01-2012 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin تەھرىر: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
مەۋھۇم كۈچ يەنە « يۇمشاق كۈچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قاتتىق دېتال» دەپ ئاتىلىدىغان ئوبيېكتىپ كۈچنىڭ رولى ئادەتتە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. لېكىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يەنىلا مەۋھۇم كۈچتۇ. بۇ خىل كۈچ ئادەم ئىشەنچ بېغشلايدۇ.

ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ
 

\"\"
 
مەۋھۇم كۈچ يەنە « يۇمشاق كۈچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قاتتىق دېتال» دەپ ئاتىلىدىغان ئوبيېكتىپ كۈچنىڭ رولى ئادەتتە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. لېكىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يەنىلا مەۋھۇم كۈچتۇ. بۇ خىل كۈچ ئادەم ئىشەنچ بېغشلايدۇ.

قېنى، تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈڭنىڭ زادى قانداق مەۋھۇم كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىڭگە ھۆكۈم قلىپ باق:

 

بىرىنچى، ھەرىكاتچانلىق:

ھەرىكەت بولمىسا نەتىجىمۇ بولمايدۇ. ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇلمىغان پىلان ۋە پۇرسەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. ھەرىكەتچان ئادەم ئۆزىنى ھەرىكەتكە ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ئېتىپ تۇرىدۇ؛ ھەتتا يوچۇن ۋە قىيىن مەسىللەر ئالدىدىمۇ تۈگۈلىۋالمايدۇ.

 

ئىككىنىچى، نىشان:

  نىشانىڭ ئېنىق بولسا، ئاشۇ نىشانىڭنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زارىقىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋۇجۇدۇڭدىكى يالقۇن سېنى يېڭى-يېڭى خىرىسلارغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ يېڭى-يېڭى مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ.

 

ئۈچۈنچى، ئالدىن كۆرەرلىك:

 دۇنيادا ئاتالمىش «ھازىرى ھالەت» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئىلگىرىلىگىلى بولمىسا چېكىنىدىغان گەپ. چۈنكى بىزگە كېرىكى، تەلپۈنۈش ۋە كېلەچەك. ئالىدىن كۆرەر ئادەم، ئەتىنىڭ مەنزىرسىنى بۈگۈن كۆرەلەيدۇ.

 

تۆتىنچى، ئانالىز كۈچى:

  ئانالىز كۈچى: ئادەمنىڭ كۈندە دېگۈدەك تاللشى ۋە ھۆكۈم قىلىشغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مەسىلە كۆرۈلگەنىكەن ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ باشقا مىلىلەر بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى ۋە ئۆز ئارا تەسىرىنى تەھلىل قلىپ، ئۇنىڭ نېگىزلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىدىغان گەپ.

 

بەشىنچى، پىلانچانلىق:

  پەقەت كۆڭلىڭدە ئېدىتلىق پىلان تۇرغۇزالىغان ئادەم مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە كۈچلۈك خىرسىلار ئالدىدا، ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ماھىرلىق بىلەن جانلىق ئىش كۆرۈپ، مەسلىنى ئاسان ھەل قىلىشنىڭ ئامىلىنى تېپىش ئارقىلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك لاھىينى تۈزۈپ يولغا قويالايدۇ.

 

ئالتىنچى، تەسەۋۋۇر:

  تەسەۋۋۇر- كىشلىك ھاياتنىڭ گۈلىستانى، پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقى. تەسەۋۋۇرغا باي ئادەم –چارە تەدبىر ۋە مەسلىھەت«ئىشلەپچىقىرىش» نىڭ بازىسى؛ يېڭىلىق يارىتىش قۇشۇنىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن. بۇ خىل كىشىلەردە ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇ ھالقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلارنى بىۋاستە سەزگۈ ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كونكىرېت ۋە پۇختا بولىدۇ.

 

يەتتنچى، ماسلىشىشچانلىق:

 تۇيۇقسىز تەلەپ ۋە تاساددىپىي ئوڭۇشىسىزلىقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. بۇنداق چاغلاردا ماسلىشىشچانلىقى  كۈچلۈك كىشىلەر ھۇدۇقۇپ، تەمتىرەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا لايىقىدائىنكاس قايتۇرالايدۇ.

 

سەككىزىنچى، سىردىشىشچانلىق:

 ئادەتتە مەززىسىز تۇيلىدىغان بىرەر ئۇقۇمنى جانلىق بايان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەلەمسەن؟ ئادەتتكىچە بىر ھېكايىنى ناھايىتى قىزىقارلىق سۆزلەش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالامسەن؟ دېگەنلىرىڭنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلارنى ئوبرازلىق تىلىڭ ئارقىلىق تەسىرلەندۈرەلەمسەن؟ سىردىشىشقا ماھىر كىشىلەر شۇنداق قىلالايدۇ.
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر