|

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
سوۋغا سۈپىتىدە تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان ئۇشبۇ بلوگ پىروگىراممىسى ئالدىنقى ھەپتە ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ۋاقتىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشەلمەي قالغانىدى.بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ بۇ بلوگ سىستىمىسىنىڭ يىڭى نەشى بولغان 4.1.0 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىنى سۇنماقچىمەن.
بلوگ سىستىمىللىرىنىڭ كۆپ خىللىقى يىڭىدىن بلوگ يىزىشنى ئۈگۈنىۋاتقان،بىلوگ بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان تورداشلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىروگىرامما بىلىمىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى يولۇققان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلالماي كەلدى.WP قاتارلىق بلوگ سىستىمىللىرىنى ئۇيغۇربەگ، ئەلشاد، پىرىستان...قاتارلىق تورداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە ھەل قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ بۇ بلوگ سىستىمىسىدا كۆرۈلىدىغان قىسمەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغان تورداشلىرىمىز يىڭى بىر بىلوگ سىستىمىسىنىڭ ھۇجۇدقا كىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتتى.مۇشۇ خىل قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ Emlog نىڭ بۇ نەشىرىنى تەرجىمە قىلىشنى پىلانلاپ ئەتىرىتىمىزدىكى ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا يىڭى بىر بىلوگ سىستىمىسى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.بۇ بىلوگ سىستىمىسىنىڭ ھەجىمى كىچى، ئىخچام بولۇپ يىڭى بىلوگگىرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ.سىستىمىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا سەھىپىمىزگە يازمىلار يىزىلغان،كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈش ئادىرىسى:http://kuyzar.com/blog/
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
نۇرقۇت تورى دىن چۈشۈرۈڭ
مەنبە: نۇرقۇت تورى.
|