360 تور كۆرگۈچ IE غا زەربە بەردى(تەرجىمە)
ۋاقتى: 02:53 15-01-2012 مەنبە: ئىزدىنىش ئاپتورى: قاراخان تەھرىر: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا- نيويورك ئىنتېرنىت مەسلىھەتچىلىك شېركىتى Digital Due Diligence (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ DDD دەپ ئېلىنىدۇ)
ئامېرىكا مەسلىھەتچىلىك شېرىكىتىنىڭ كۆرسىتىچە چى خۇ 360 تور كۆرگۈچنىڭ سەككىز چوڭ جەلپ قىلىش ئالاھىدىلىكى IE غا زەربە بەردى
تېڭشۈننىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 12- يانۋاردىكى پەن- تېخىنىكا خەۋىرى:
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا- نيويورك ئىنتېرنىت مەسلىھەتچىلىك شېركىتى Digital Due Diligence (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ DDD دەپ ئېلىنىدۇ) چارشەنبە كۈنىدىكى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفت شېركىتى ئىزچىل تۈردە جۇڭگودىكى ئېنتىرنىت ئابونتلىرىنىڭ IE6 دىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمۈد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رىقابەت ئورنىدا تۇرىۋاتقان يەنە بىر تۈردىكى ھەر خىل IE نەشىرلىرىدىكى تور كۆرگۈچنىڭ بازاردا ئىگىلىگەن ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چى خۇ بازارغا سالغان 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچنىڭ ھازىر جۇڭگو بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %57 كە يەتكەن.
DDD نىڭ قارىشىچە، چى خۇ بىر قاتار نورمال بولمىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق ئابونتلارنى 360 تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىشكە جەلپ قىلغان، شۇنداقلا قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ زورايغان. (ئەسلى تېكىست: York-based Digital Due Diligence (DDD) has evidence which suggests that Qihoo has used some seriously evil tactics to rope in users to its 360 Safe Browser). تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، چى خۇنىڭ ئاساسلىق كەسپى بىخەتەر يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش. لېكىن، كۆپ ساندىكى يۇمشاق دېتاللار ھەقسىز مەھسۇلات بولۇپ، چى خۇنىڭ بارلىق تىجارەت كىرىمى يول باشچى تور بېكەت hao.360.cn نى ۋە ئېلانلارنى چېكىشتىن كېلىدىكەن. مانا بۇ Citron ئورگىنىنىڭ چى خۇ 360 نى ئەيىپلەشتىكى مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، Citron بۇ خىل كونا ئۇسلۇبتىكى يول باشچى تور بېكەت ئۇزاققا بارالمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، چى خۇ بۇ جەھەتلەردە يامان ئەمەس بولۇپ، تەجىربىسى مول بولمىغان نۇرغۇن تور ئەھلىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىغان.
360 بىخەتەر تور كۆرگۈچمۇ كەم بولسا بولمايدىغان بىر كۆرگۈچ بولۇپ، ئۇ ئېلان چېكىشكە جەلپ قىلالايدۇ، شۇنداقلا بىخەتەرلىك سۇپىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەھسۇلات. ئۇ جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ تەجىربىسى مول بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەخس مەنپەئىتىگە ھۇجۇم قىلغان، ھەتتا ئۇلار تور كۆرگۈچكە قارىتا تاللاشنى مەجبۇرىي كونتروللىقىغا ئېلىۋالغان. (ئەسلى تېكىست: But its tactics in forcing the 360 browser upon people are unacceptable, and render it something closer to malware or spyware. It looks to be exploiting the country’s not-too-savvy web users, infringing on their privacy, and even hijacking their choice of browsers )
تۆۋەندىكىسى DDD دوكلاتىدىكى ئاساسلىق مەزمۇن:
بۇلتۇر 11- ئايدا، چى خۇ 360 تور كۆرگۈچ مىكروسوفتIE نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جۇڭگودىكى زور كۆلەملەشكەن ئېنتىرنىت تور كۆرگۈچىسىگە ئايلانغان. ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە بازار نىسبىتىنىڭ %57 نى قولغا كەلتۈرۇپلا قالماي، بەلكى رىكورت ياراتقان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغىمۇ ئېرىشكەن.
چى خۇ يەنە 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچى يۇمشاق دېتالى بىلەن نام چىقارغان. ئۇ ئىلگىرى بىر ئەنئەنىۋى يۇمشاق دېتال شېركىتى بولۇپ، لېكىن 2008- يىلى بىخەتەر يۇمشاق دېتال سېتىشتىن ئېلان سېتىشقا يۈزلەنگەن. بۇ شېركەت ھەقسىز مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى بىلەن زور ئابونت ئاساسىنى تىكلىگەن. بىرلا ۋاقىتتا تور ئويۇنلىرى گۇرۇھى، ئېلىكترونلۇق سودا تور بېكىتى، تېلېفۇن دەپتىرى قاتارلىق دائىرىگە كېڭەيگەن. يەنە نۇرغۇن تۈردىكى ھەقسىز دېتال بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كۆزلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بولۇپمۇ دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ ئىكەن.
|
------分隔线----------------------------